-

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بلوگىمىزنىڭ بارلىق قوللىغۇچىلرى ھەم بلوگگىر قىرىنداشلار :
ئۇزۇندىن بىرى بلوگباسنىڭ‹blogbus› نۇرمال ئېچىلماسلىقى ھەم نۇرغۇن كاشىللىرى سەۋەبىدىن ، ئۇزۇن ۋاقىت تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى ۋوردپىرەس‹wordpress› كۈچىۋالدىم . ھەم ئۆزەمگە تەئەللۇق بولغان بىرىنجى دەرىجىلىك تور نامىنى ئىشلەتتىم ، بۇندىن كىيىن بارلىق يازمىلار يىڭى ئادرىسىمىز : Http://www.sehrayim.com بلوگىمىزدا ئېلان قېلىنىپ تۇرىدۇ . مەزكۇر بلوگىمىز بۇندىن كىيىن يىڭىلانمايدۇ ، بلوگ قوللىغۇچىلىرىمىز ۋە بلوگگىر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقىپ بۇلىشىنى ، ئالدىراش ۋاقىتلىرىدىن قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ بلوگىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمىز !! -
2011-04-13
تاياققا لايىق 10 خىل ئايال ۋە 10 خىل ئەر - [ئىسىل يازمىلار]
ئاياللىق سۈپىتىنى ساقلاپ يۈرمەيدىغان ئاياللار.
مۇنداقلارنى مۇشتۇمىڭىزنى لازا-ئاچچىقسۇغا چىلاپ تازا سالمىسىڭىز بولمايدۇ.
مۇنداقلارنىڭ تىشىغا قاراپ ئاياللىقىنى بىلەلەيسىزيۇ ، لىكىن قىلىپ يۈرگەن ئىشىلرىدىن ئۇلارنىڭ ئاياللىقىلىقى ئۇياندا قالسۇن ئادەملىكىدىنمۇ گۇمان قىلىپ قالىسىز. -
2011-01-05
يەرشارى بويىچە بىر تۇتاش باش سۈرەت ئىشلىتىش ھەققىدە - [بلوگ]
كۆپىنچە بىلوگىگىر دوسلار بىر نۇقىتىغا دىققەت قىلغان بولسا كىرەك ،بىر قىسىم بىلوگلاردا بۇلۇپمۇ تەدبىركار ۋە تورخۇمار بىلوگلىرىدا ئىنكاس قالدۇرۇش رايۇندا قالدۇرۇلغان ئىنكاسلاردىكى بەزى تورداشلارنى باش سۈرىتى ناھايىتى قالتىس ، بىر قىسىم تورداشلار بولسا ئەسلىدىكى تەمىنلىگەن باش سۈرەتنىلا ئىشلىۋاتىدۇ . بەلكىم بىر قىسىم تورداشلار بۇ باش سۈرەتنىڭ كىلىش مەنبەسىنى بىلمەسلىكى مومكىن . ئەمەلىيەتتە بۇ سىرمۇ ئەمەس ، بۇ خىل بىر تۇتاش باش سۈرەتنىڭ كىلىش مەنبەسى Gravatar دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مۇلازىمەتتىن كىلىدىغان بۇلۇپ ، Globally Recognized Avatar نىڭ قىسقارتىلما ئاتىلىشى.
يۇقاردىكى مەزمۇندىكى يازمىغا قىزىقىدىغان قىرىنداشلارنىڭ تەدبىر كار تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۈرۈپ تەپسىلاتىنى كۈرۈۋىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . -
2010-12-26
رەزىل مەن - [ئەسەرلىرىم]

گرۇ مەخسۇس كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ نام قازىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، بىر قېتىم ئۇ كۆكتىكى ئاينى ئوغۇرلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نامىنى چىقارماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنە بىر رەقىبى ئۇ پىلانلاپ ئوغۇرلاپ چىققان كىچىكلىتىش قۇرالىنى ئۇنىڭدىن ئوغۇرلىۋالىدۇ، كىچىكلىتىش قۇرالىنى قولغا چۈشۈرۈش جەريانىدا گرۇ رەقىبىنىڭ يېنىغا خالىغانچە كىرىپ چىقالايدىغان ئۈچ كىچىك بالىنى ۋاقىتلىق بېقىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ھەم سۇ ئارقىلىق كىچىكلىتىش قۇرالىنى قولغا چۈشۈرىۋالىدۇ، ئەمما بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا مېھىر-مۇھەببەت شەكىللىنىشكە باشلايدۇ، ئۇنداقتا بۇ ئەڭ يىرگىنىشلىك ئادەمنىڭ قانداق بولۇپ ياخشى بىر دادىغا ئايلانغانلىقىغا قىزىقامسىز ؟ئۇنداقتا دىققىتىڭىز شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە تەرجىمە قىلغان فىلىمىمىز << رەزىل مەن >> دە بولسۇن .
تەرجىمە قىلغۇچى : ئارمانىم
-
2011-05-25
مەن مۇشۇنداق مۇسۇلمان - [ئىسىل يازمىلار]
مەن شۇنداق ئىنسان، ئەتىسى تۆگىمەيدىغان؛
مەن شۇنداق ئىنسان، پەقەت كۆز ئالدىمدىكىنىلا ئويلىيالايدىغان؛
مەن شۇنداق ئىنسان، ئەزەلدىن سۆرەلمە؛
مەن شۇنداق ئىنسان، ئۆزۈمنى مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەكلا ھىس قىلىدىغان؛
مەن شۇنداق ئىنسان، ھەر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشنى مەڭگۈ مەڭگۈ خالىمايدىغان؛
ئوقۇغۇچى جېنىدا ئوقۇغۇچىلىق سۈپىتى بىلەن دەرىسلىرىنى تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىشنى ئويلايدۇ. ھۈنەرۋەنلەرمۇ شۇنداق، سودىگەرلەرمۇ شۇنداق، ئوقۇتقۇچىلارمۇ شۇنداق، باشلىقلارمۇ ھەم. مەن ھەم بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. لېكىن...
بىر ئىشقا كەلگەندە، ئەگەر باشقىلار مەندىن بۇ ئىش توغۇرلۇق سوراپ قالسا، ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئىېيتىدىغىنىم، ئەلۋەتتە { ئالھەمدۇللا } مەن مۇسۇلمان. لېكىن.................
شۇنى بىلمەيمەن، ئوقۇغۇچى نىمىشقا ئوقۇغۇچى دەپ ئاتىلىپ قالىدۇ؟ ئوغرى نىمىشقا ئوغرى دەپ ئاتىلىپ قالىدۇ؟
ئوقۇغۇچى مەكتەپتە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن بەلكىم «ئوقۇغۇچى » دەپ ئاتىلار؛ ئوغرى دەپ ئاتالغان كىشىمۇ بەلكىم بىر نەرسە ئوغۇرلىغاندۇ؟
لېكىن مەن ئۆزۈمنىڭ مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدانلىقىمنى بىلسەممۇ، نىمىشقا مۇشۇنداق ئاتىدىغانلىقىمنى بىلىپ كەتمەيمەن.
مۇسۇلماندارچىلىق قانداق بولىدۇ بۇنىمۇ بىلمەيمەن؛
ھەم بىلىشقىمۇ ئانچە قىززىقىپ كەتمەيمەن، پەقەتلا بىلىدىغىنىم، مىھرىبان ئانام ئۆگۈتۈپ قويغان بىر ئىككى ئېغىز سۆز. لا ئىلاھە ئىللەللا، مۇھەممدۇن رۇسۇلۇللا؛ يەنە بىر قانچە قىسقا سۈرە، ئەلھەمدۇ، سۈرە ئەھەد، سۈرۈ ئەپتەر ۋە يەنە بىر نەچچە،
مەن بۇ سۈرىلەرنىڭ مەنىسىنىمۇ بىلمەيمەن؛ ئانچە ئوقۇپمۇ كەتمەيمەن، بىرەر خاپىلىق يەتكەندە بىر ۋاخ ناماز ئوقۇغاندىن باشقا -
2011-04-21
ئەگەر سىز يىگىت قولداش بولماقچى بولسىڭىز
-توي قىلماقچى بولغان يىگىت مۇسۇلمان بولسا مەيلى، ئەگەر سەل خولوپو بولسا، ئۇنڭىغا ئىسلامنى دەۋەت قىلىش مەجبۇرىيتىڭىز بار..ناماز،روزا.....قاتارلىق ھەرخىل پەرىزلەرنى ۋاقتىدا ئۇرۇنداشنى، اللەدىن قورقۇشنى بەك تەكىتلەيسىز.. توي قىلغان شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ بارلىق ياخشىلىققا دەۋەت قىلىش، يامانلىقتىن توسۇش ۋەزىپىسى سىزدە بۇلىدۇ.
2- ئۇنىڭغا ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە سۆزلەيسىز، ئايالىنىڭ ئۇنىڭ بالىسىنىڭ ئانىسى، كەلگۈسىدىكى تەربىيچىسى،ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرىيى ئىكەنلىكىنى ئۇنى خارلاش، زوراۋانلىق قىلىشلارنىڭ مۇسۇلماننىڭ جۈملىسىدىن ئەمەسلىكىنى، مۆئمىنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغىنىدۇر. دىگەن ھەدىسىنى سۆزلەپ بىرىسىز.
3-ئەمدى توي كىچىسى بۇلىدىغان ئىشلارغا كەلدۇق:
توي كىچىسى سىزنى ئايرىم بىر ئۆيگە ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قۇيىدۇ. ئالدى بىلەن ئىككى رەكئەت شۈكرانە تەھەججۈت ناماز ئوقۇپ، اللەنىڭ مۇشۇ نېئىمىتىگە شۈكرى قىلىپ بولغاندىن كېيىن،ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ..ئاستا-ئاستا پاراڭلىشىپ،...قولىنى تۇتۇپ....ئەستا ماۋۇ گەپنى.. بولدىلا سىزمۇ ھامىنى توي قىلىسىز.ھەق سۆزلەشتە ھايا قىلىش يوق..بىر ئۇرۇنغا كىرگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن( ئوڭ قول تەرىپى) چىقىپ، پىشانىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ (ئى اللە، بىزنى ۋە بىزگە ئاتا قىلماچقى بولغان پەرزەنىتنى قوغلاندىن شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىغىن،امين) دەپ دۇئا قىلىپ......ئاندىن خالىغانچە ...(ئاۋال سۈيۈپ،سىلاپ ھىسيات ئويغىتپ... ھەرگىز قوپاللىق قىلىشقا بولمايدۇ.) بۇ ئىشلارنى سىز ھەرگىزمۇ توي قىلماي تۇرۇپ سىناپ باقماڭ جۇمۇ ئابلىزجان ئۇكام... اللەدىن قورقۇڭ....
ئەڭ دىققەت قىلىدىغان ئىش: ئايال كىشىنىڭ مەقئىتىگە تاجاۋۇز قىلىشقا بولمايدۇ.. بۇنداقلار مەلئۇن بۇلىدۇ.. كاپىر دىگۈچىلەرمۇ بار.. يەنە بىرى ھەيىز ۋاقتىدا يېقىن كىلىشكە بولمايدۇ.. مەلئۇن، ئاسىي بۇلىدۇ، ياكى كاپىر بۇلىدۇ دىگۈچىلەرمۇ بار
4-ئەمدى ئەتىسى تاڭ ئاتىدۇ، سەھەر تۇتۇپ غۇسلى قىلىش كېرەك: ئەمدى ئۇ غۇسلى قىلىشنى بىلەمدۇ يوق سوراپ باقىسىز، ئەگەر بىلمىسە دەپ بېرىسىز،
غۇسلىدا پەرىز ئۈچ: 1- ئېغىز توشقۇچە سۇ ئېلىپ گال ئېچىشقىچە غەر-غەر قىلماقلىق 2- بۇرۇنغا سۇ ئېلىپ ئېچىشقىچە بۇرۇننى چايقىماقلىق 3- پۈتۈن بەدىنىنى چالا قويماي يۇيۇش. بىر تال تۈكنىڭ ئورنى چالا قالسا، غۇسلى ئادا تاپمايدۇ دەپ قارىلىدۇ... بۇلۇپمۇ كىندىك...
غۇسلى قىلىش ئۇسۇلى :
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق غۇسلى قىلغانلىقى توغرىسىدا ھەدىس بار:
ئۇ ئالدى بىلەن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالدى، ئاندىن پۈتۈن بەدىنىگە سۇ قۇيدى ، ئاندىن چىقىپ ئىككى پۇتىنى يۇدى.
(ئالدى بىلەن غۇسلى قىلىشتىن ئىلگىرى بەدەندىكى نىجاسەت بار ئۇرۇنلارنى پاكىزلاش. ئاندىن كېيىن يۇقارقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بۇيىچە نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىش، ئاندىن كيىن بېشىنى 3 قېتىم سۇ قۇيۇپ پاكىز يۇيۇش، ئاندىن بەدەننىڭ ئوڭ ئالدى تەرىپىنى، ئاندىن سول ئالدى تەرىپىنى،ئاندىن ئوڭ سول ئارقىسىنى تەرتىپ بىلەن يۇيۇش. ئاندىن سۇ چاچىرىمايدىغان ئورۇندا تۇرۇپ، ئىككى پۇتنى يۇيۇش)
مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بېرىسىز، بىرسى چالا قالسا بولمايدۇ. ئۇنى ياخشى ئادەم بۇلۇشقا، ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا،قېينئانا-قېيىنئاتسىنى ھۆرمەت قىلىشقا، ئەڭ مۇھىمى ئايالى ئالدىدا ئۆز ئاتا ئانىسىنى ھۆرمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىسىز... بولسا ئۇنىڭغا ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلات تەربىيلەش ئۇسۇلى، سوۋغات دىگەندەك كىتابلارنى سوۋغا قىلىڭ..) مىنىڭ بىلىدىغىنىم مۇشۇنچىلىك ئىكەن... قالغىنىنى باشقىلاردىن سوراپ تۇلۇقلىۋېلىڭ.
كەم قالغان يەرلىرى بولسا، دوستلارنىڭ ئىنكاس شەكلىدە تۇلۇقلاپ قويۇشىنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
-
2011-04-12
بىن لادىنغا سوۋغا تەقدىم قىلىش - [ئىسىل يازمىلار]
ئەمدىلا بىرىنچى سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىر ئوغۇل بالا مەكتەپتىن قايتقاندىن كىيىن دادىسىغا ئۆزىنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى بىلىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ:
-ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى خىرىستىيانلارنىڭ بايرىمى ئىكەن، بىز بولساق يەھۇدىي. ئەگەر مەن بىرەيلەنگەن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا سوۋغا تەقدىم قىلسام، پەرۋەردىگار خاپا بۇلۇپ قالارمۇ؟- دىدى (بىزلەرگىمۇ مۇشۇ بىرىنچى سىنىپتا ئوقۇيدىغان يەھۇدىي بالىچىلىك ئەقىل بەرسۇن). -
2011-04-10
ئاللاغا قارشى چىققانلارنىڭ ئاقىۋىتى - [ئەسەرلىرىم]
سايلام بولۇش ئالدىدا ، ئەگەر 500مىڭ ئاۋازغا ئېرىشسەم ھەتتا ئاللامۇ مىنىڭ ھوقوقۇمدىن ئېلىۋىتەلمەيدۇ، دېگەن. ھەقىقەتتە شۇ ئاۋازغا ئېرىشكەن. لېكىن مەنسەپكە ئولتۇرۇشنىن ئىلگىرى ، كىسەل بولۇپ قالغان.
-
2010-12-29
مەۋھۇم كومپىيوتىرنى قاچىلاش - [كومپىيوتىر]
نىمىسىنى دەي ، بۈگۈن قېرىشقاندەك ئېھتىياج سەۋەبىلىك مەۋھۇم كومپىيوتىرنى قاچىلاش ئىھتىياجى تۇغۇلدى . قېرىشقاندەك مەۋھۈم كومپىيوتىرنى قاچىلاش مەنگە نىسپەتەن بىر سىر بولغاچقا توردىن يامان ئىزدەپ كەتتىم . ئاخىرى ئىزدەپ يۈرۈپ بىلىملەر تور بېتىدىن قاچىلاش ھۆججىتى ۋە قاچىلاش دەرىسلىكىنى تاپتىم ، قارسام دەرىسلىك يىڭى ئېرا تور بېتىگە يوللانغاننىكەن . ئىزدەپ يۈرۈپ دەرىسلىكنى چۈشۈرۋاتىمەن . چۈشۈرۈپ بولغاندا سېستىما قاچىلاپ ، ئالغان تەجرىبىلىمرىنى ئورتاقلىشاي .
-
2010-10-07
كومپىيوتىر بىلىملرىدىن تەرمەچلەر - [كومپىيوتىر]
1.Enter كۇنۇپكىسىنى كۈچەپ بېسىش
بۇ كۇنۇپكا ئادەتتە بىز بىرەر ئىشنى تاماملىغاندا بېسىلىدىغان بولغاچقا، مەشغۇلات ئاخىرلاشقاندا كۈچەپ بېسىلىدۇ.بۇنداق بولغاندا كۇنۇپكا تاختىسى ئاسانلا كاردىن چىقىپ،ئىقتىسادى زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
2.كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە ئۇششاق-چۈششەك يىمەكلىكلەرنى يىيىش،ئىچىملىك ئىچىش.
ھازىر بۇخىل ئادەت بەك ئۇموملىشىپ كەتتى.نۇرغۇن كىشىلەر كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ بىرنەرسە يىيىشكە بەك ئامراق.ھەتتا بەزى كومپىيۇتېر مەستانىلېرى كومپىيۇتېر ئۈستىلىنى تاماق ئۈستىلىگە ئايلاندۇرىۋالغان.بۇنداق بولغاندا ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەر كۇنۇپكا تاختىسى ئىچىگە كىرىپ كېتىپ،كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئاسان بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۇنۇپكا تاختىسى ئاسان مەينەت بۇلىدىغان نەرسە بۇلۇپ،بۇ خىل ئادەت سالامەتلىككىمۇ زىيانلىق.3.ئوپتىك دېسكىنى دائىم ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئىچىگە قويۇپ قۇيۇش.
4.كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرۈپلا يەنە قايتا قوزغۇتۇش.
ئادەتتتە بەزى كىشىلەر كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ بۇلۇپلا،ئوپتىك دېسكىنىڭ دېسكا قوزغاتقۇچ ئىچىدە ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقى قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن قايتا قوزغۇتىدۇ.سەل ساقلىغاندىن كىيىن قوزغاتسا ئاندىن توغرا بۇلىدۇ -
2010-10-05
2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش تەييارلىقى - [بلوگ]
ئىلاۋە: مەزگۇر ماقالە يۈكسەل بلوگىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى، ھەرقايسى زىيارەتچى دوستلار ۋە بلوگگىرلارنىڭ ئۆز ئارا تەشۋىق قىلىپ قويۇشلىرىنى سورايمىز !!

دىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ھەش – پەش دېگۈچە ئۇيغۇر بلوگگىر ( Blogger، بلوگ نەشىر قىلغۇچى، بلوگ يازغۇچى ) لار قوشۇنىمۇ تېز زورايدى. كۆركەم لايىھىلەنگەن، مەزمۇنى رەڭدار، پايدىلىقلىقى يۇقىرى بلوگلار ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. Blog بىزگە يېڭىچە ياشاش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى ئاتا قىلىپ،بلوگ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆز – ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان يېڭىچە سورۇنىمىز بولۇپ قالدى. Blog بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ھاياتىمىزغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە
-
22 – ماي ، بېيجىڭ شەھىرىدىكى تۇنجى A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغۇچى شياۋ ليۇنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ ، دوختۇرخانىدىن چىقتى . شياۋ ليۇ بۇ يىل 18 ياشتا ، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شتاتىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئ...
















